retretret
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئالدى بىلەن "ئۇدمىش سوفت" تور بېكىتى ۋە "ئۇدمىش كوررېكتور" نىڭ مۇۋاپىقيەتلىك ھالدا تۈزۈپ چىقىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. مەزكۇر يۇمتالنىڭ كۆپچىلىكنىڭ ئىملاسىغا ياراملىق كۆزەتچى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى كومپيۇتېر تەتقىقات مەركىزىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىلمى ئۇسۇلدا ئېلىپ بارغان سىتاتىسىتىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى ئۇيغۇرچە خەتلەرنىڭ ئىملاسىىدىكى خاتالىق 10% كە يېقىنلاشقان. بۇ ئەھۋال ھەربىرىمىزدە نومۇس تۇيغۇسى پەيدا قىلماي تۇرالمايدۇ،ئەلۋەتتە. گەرچە مۇشۇنداق ئېغىر ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىدا نۇرغۇن سەۋەبلەر بولسىمۇ، لېكىن ئانا يېزىقىمىزنى توغرا يېزىش ھەربىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولماس مەسئۇلىيىتى.
"ئۇدمىش كوررېكتور" نۆۋەتتە دەسلەپكى نەشر ھالىتىدە بولۇپ، نۇرغۇنلىغان يېتەرسىزلىكلەر ۋە كەمتۈكلۈكلەر ساقلانغان بولىشى مۇمكىن. "بىر ئادەمنىڭ كۈچى ھامان چەكلىك". ئۇنىڭ مۇكەممەللىككە يۈزلىنىشى كۆپچىلىكنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.
,
"ئۇدمىش كوررېكتور" دا دەسلەپكى قەدەمدە ئەقلىي كوررېكتورلۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىملا خاتالىقلارنىڭ يۈز بېرىش ئالاھىدىلىكلىرى ئالاھىدە ئويلىشىلغان ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك تەۋسىيە ئىشقا ئاشۇرۇلغان. تەپسىلاتىنى "ئىقتىدارلىرى" تارماق بېتىدىن كۆرۈڭ.
مەزكۇر يۇمتال .Net مۇھىتىدا (C#2.0) تۈرۈلگەن بولغاچقا، نورمال ئىجرا بولۇشى ئۈچۈن سىستېمىغا Microsoft .Net Frameword2.0 قاچىلىنىشى زۆرۈر (Micsoft Vista دىن باشقا مەشغۇلات سىستېمىلاردا ئاپتوماتىك قاچىلاقسىز). تەپسىلاتىنى "چۈشۈرۈش" تارماق بېتىدىن كۆرۈڭ.
كۆپچىلىكنىڭ بۇ قۇرالنى ئىشلىتىشنى تېز ئۆگىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان ۋىدىئولارنى ياسىدىم. تەپسىلاتىنى "ئىشلىتىشنى ئۆگىنىش" تارماق بېتىدىن كۆرۈڭ.
ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سۆز ئامبىرىنى كېڭەيتىش ۋە تور بەتلەردىكى ئۇيغۇرچە سۆزلەرنى ئىستاتىستىكا قىلىشقا قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن "ئۇدمىش ئۇيغۇرچە سۆز سۈزگۈچ" ۋە "ئۇدمىش تەكرارلىقنى يوقاتقۇچ" قاتالىق قوشۇمچە قۇراللار تەمىنلەندى. ئۇندىن باشقا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ كۆپ خىل كودلاش ھالىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى كۆزدە تۇتۇلۇپ بىر قىسىم ئۆلچەمسىز كودلارنى ئۆلچەملىك كودلارغا ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارى قوشۇلدى. تەپسىلاتىنى "قوشۇمچە" تارماق بېتىدىن كۆرۈڭ.
دېيىشكىنىمىز بويىچە ئىشلىتىش جەريانىدا بىرەر مەسىلە بايقىسىڭىز ياكى كاللىڭىزدا مەزكۇر يۇمتال كېڭەيتىشكە تېگىشلىك دەپ قارىغان يېڭىچە ئىقتىدارلار پەيدا بولۇپ قالسا، مەن بىلەن ئالاقىلىشىشنى ھەرگىز ئۇنتۇماڭ. تەپسىلى ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرىمنى "ئالاقىلىشىڭ" تارماق بېتىدىن كۆرۈڭ.